Abdukerim Abduweli ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى

Abdukerim Abduweli ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى Uyghur qehrimani shehit Abdukerim Abduweli
ئۇيغۇر قەھرىمانى شېھىت ئابدۇك?

ئىمانى سالامەت ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن! 🤲خىيانەتئۇيغۇر داۋا سېپىنى قاپلاپ كەتتى خىيانەت،ئالدامچىلىق، كاززاپلىق، پارىخو...
06/05/2026

ئىمانى سالامەت ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن! 🤲
خىيانەت
ئۇيغۇر داۋا سېپىنى قاپلاپ كەتتى خىيانەت،
ئالدامچىلىق، كاززاپلىق، پارىخورلۇق جىنايەت.‏
نا ئەھلىلەر ئىش بېشى بولىۋالدى ئۇيغۇردا،
بىلسەڭ خەلقىم بۇ قىلمىش ئالامىتى قىيامەت.‏
ئەمەلدارلار ئۇيغۇرنى سېتىپ خەجلەپ ياشايدۇ،
پىكىر بەرسەك جاۋاپ يوق، لالمىلىرى قاۋايدۇ.‏
قاپقان قۇرۇپ ئۆزىگە قارشى پىكىر قىلغاننى،
تۆھمەت چاپلاپ«دائىش» دەپ يابانچىغا قامايدۇ.‏
بىرى دەيدۇ: ئۇيالماي خىتاي بىلەن ياشايمىز،
بىرى دەيدۇ ئاپتونۇم، بىز مۇستەقىل بولمايمىز..‏
بىرى دەيدۇ: تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇش نادانلىق،
يېتىپ يىغلاپ ھۆرلۈكنى ئاللاھتىنلا سورايمىز.‏
بىرى دەيدۇ: ھەركەتنىڭ تېخى ۋاقتى كەلمىدى،
ئىقتىسات يوق بىزلەردە بايلار تېخى بەرمىدى.‏
پىلانىڭنى سۆزلەپ باق ئاڭلاپ باقاي توغرىمۇ،
دەيدۇ: ئاڭلاپ بۇ پىلان قەتئىي توغرا كەلمىدى.‏
بىرى دەيدۇ: كىملىكنى يېقىنىمغا بېرىمەن،
تونۇمىغان كىشىگە نىچۈن ياردەم قىلىمەن.‏
توغرا مېنىڭ قىلمىشىم دەلىلىم بار قۇرئاندىن،
چۈنكى ئۆزەم «مەۋلىۋى» مەن ھەممىنى بىلىمەن.‏
بىر توپ قاششاق ئىشلىمەي يالاق يالاپ ياشايدۇ،
بۇيرۇق بەرسە غوجىسى توختىماستىن قاۋايدۇ.‏
ئۇيالمايدۇ ئىشىدىن، زوقلۇنۇپ قىلمىشىدىن،
بۇيرۇق كەلسە چىشلە دەپ: شۇئان بېرىپ تالايدۇ.‏
ياتار ئۇلار چوڭىنىڭ ئىشىكىدە لالمىدەك،
‏ ھاجەتتىن سوڭ ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن چالمىدەك.‏
نەپ كەلمەيدۇ ئۇلاردىن ئەل- ۋەتەنگە زەررىچە،
تىڭ - تىڭلاايدۇ ئۇيغۇرنى كاماردىكى سالمىدەك.‏
ئوڭنى تەتۈر كۆرسىتىپ غوجىسىغا چاقىدۇ،
تاپان يالاپ ئەركىلەپ ئىشلىمەي جان باقىدۇ.‏
سۆڭەك بېرەر غوجىسى قاۋىغىنى ئۈچۈنلا،
خىيانەتكە خوشامەت خۇددى ياغدەك ياقىدۇ.‏
شۇ سەۋەپتىن بۇ داۋا ھېچ ئىلگىرى باسمىدى،
خۇددى توكۇر ئېشەكتەك كۈندىن كۈنگە ئاقسىدى.‏
يۇرتتا خەلقىم زۇلۇمدىن قان يىغلايدۇ- زارلايدۇ،
قانخور خىتاي ئالدىدا يالۋۇرۇشلار ئاقمىدى.‏
يۇرتتا جەڭگە ئۈندىسەك تەلۋە دەيدۇ قورقاقلار،
ماڭاي دىسەڭ پۇتلايدۇ قۇرۇپ قاپقان- توزاقلار ‏
يا ئۆزلىرى قىلمايدۇ، يا قىلسا قوللىمايدۇ،
ھارام بىلەن سەمرىگەن تويماس سامان قوساقلار.‏
ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر
‏2020-09-27

Holocaust Remembrance Day – January 27NEVER FORGET, NEVER AGAIN !BUT The world is silent as CHINA’S GENOCIDE AGAINST THE...
27/01/2026

Holocaust Remembrance Day – January 27
NEVER FORGET, NEVER AGAIN !
BUT The world is silent as CHINA’S GENOCIDE AGAINST THE UYGHURS CONTINUES…

27/01/2026

Holocaust Remembrance Day – January 27
NEVER FORGET, NEVER AGAIN !
BUT The world is silent as CHINA’S GENOCIDE AGAINST THE UYGHURS CONTINUES…

Adresse

Munich

Webseite

Benachrichtigungen

Lassen Sie sich von uns eine E-Mail senden und seien Sie der erste der Neuigkeiten und Aktionen von Abdukerim Abduweli ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى erfährt. Ihre E-Mail-Adresse wird nicht für andere Zwecke verwendet und Sie können sich jederzeit abmelden.

Verknüpfungen

Teilen