FreeUyghur

FreeUyghur Vereniging Free Uyghur in Nederland.

hartelijk dank voor het toernooi! Uyghur United Netherland Team
06/04/2026

hartelijk dank voor het toernooi! Uyghur United Netherland Team

Niet vergeten! 5. فېبرالنى ئۇنۇتمايمىز!
05/02/2026

Niet vergeten! 5. فېبرالنى ئۇنۇتمايمىز!

25/01/2026

Het nieuwe jaar is begonnen en zodoende is er een nieuw verkiezing gehouden waaruit een nieuwe voorzitter en nieuw bestuur is gevormd. Tevens hebben wij nieuwe leden mogen welkomen en hebben wij de eerste stappen gemaakt in het nieuwe jaar.

گوللاندىيە ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ 3. نۆۋەتلىك رەئىس سايلىمى توغرىسىدا قىسقىچە باياناتئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز شەرقىي ت...
21/01/2026

گوللاندىيە ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ 3. نۆۋەتلىك رەئىس سايلىمى توغرىسىدا قىسقىچە بايانات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ئەھۋالىڭلارنىڭ ياخشى، تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز.

2026 - يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ھېلموندا ئۆتكۈزۈلگەن خۇلاسە يىغىنىمىزدا، بىرىنجى بولۇپ تەشكىلاتىمىزنىڭ مالىيەگە مەسئۇل خادىمى ئەنۋەر تۇردى تەشكىلات قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بولغان كىرىم - چىقىم ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ئۇندىن كېيىن تەشكىلاتقا يېڭى قوشۇلغان ئەزالار تونۇشتۇرۇلدى ۋە تەبرىكلەندى.

كۈنتەرتىپنىڭ ئۈچىنچىسىدە رەئىس سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. گوللاندىيەدە تونۇلغان ياشلىرىمىزدىن رەئىس نامزاتىمىز مېرئەلى سەلەي ئۆزى رەئىس بولغان تەقدىردە ئېلىپ - بارىدىغان پائالىيەت - پىلانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى، بۇ جەرياندا ئۇ يەنە ئەزالار تەرىپىدىن سورالغان بارلىق سوئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بەردى. سايلام دېموكراتىك، ئوچۇق ۋە ئادىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىپ، مېرئەلى سەلەي ئەپەندى 10 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 1 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە سايلاندى.
ئۇ رەسمىي قەسەم بېرىپ، ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
يېڭى سايلانغان رەئىسنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن يېڭى رەھبەرلىك كادرو تۈزۈپ چىقىلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىشىدە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان سابىق رەئىس ئابدۇسالام غېنىغا بارلىق ئەزالار چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ۋە ئاپىرىن ئېيتىشىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۈچۈن قۇرۇلغان گوللاندىيە ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى يېڭى كادرونىڭ يىتەكچىلىكىدە تېخىمۇ زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغۇسى ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلغۇسى!

ھۆرمەت بىلەن،
ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى سايلام كومېتىتى

17/11/2025

Over twee weken zullen we – zoals beloofd – samen zijn voor de derde editie van “De Nuttige Dag”ئەزىز قېرىنداشلار، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ۋەدە قىلغىنىمىز بويىچە بۇ يىلقى ئۈچىنچى "ئەھمىيەتلىك بىر كۈن" دە بىللە بولىمىز. بۇ قېتىم بۇرۇنقىدەكلا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ قالتىس تۈرلەر بار، مەسىلەن: سەكلىگۈچ - يوتقان، پۇتبول، ۋوللىبول (لازىم بولسا خانىم-قىزلارغا ئايرىم)، ۋاسكېتبول، ئارغامچا تارتىش، ئارغامچا سەكرەش، شاھمات، پەيتوپ، تىكتاكتوپ، مافيا (weerwolf) ئويۇنى، "بىر بالاڭنى بەسەڭچۇ" ئويۇنى، "survival" ئويۇنى ۋە باشقا يەنە ھەرخىل كىچىك ئويۇنلار ۋە ئويۇنچۇقلار سىزنى ۋە باللىرىمىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئاز ئۈچ ئويۇن ئوينىغان كىچىكلىرىمىزگە كەمپۈت سوۋغات بېرىمىز 🙂. بۇ قېتىممۇ ھېرىپ ئېچىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن تاماق ھازىرلىنىدۇ، قىممەت ئەمەس ئەلۋەتتە!
بۇ قېتىم ماتېريال ۋە يەر ئىجارە چىقىملىرىمىزنى ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ھەر ئائىلىدىن ئائىلە بېشىغا 10 ياۋرو ئېلىشنى بەلگىلىدۇق، يىغىلغان پۇل چىقىملاردىن ئېشىپ كەتسە كېلەركى قېتىم باللىلارغا سوۋغات ئېلىشقا ئىشلىتىۋىتىمىز. (ھازىرغىچە كەتكەن چىقىملارنى تەشكىلاتىمىز ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى). بىز سىلەرگە خىزمەت قىلىپ، سىلەر ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، باللىرىڭلار بىلەن بىللە ئويناپ، ئوينۇتۇپ، بىر- بىرىمىزگە ماسلىشىپ بىللە خۇش بولىمىز! ھەممىڭلارنى 30. نويابىر يەكشەنبە كۈنى يەنە ئالفېندا كۆرۈشكە تەقەززامىز. پائالىيەت ۋاقتى 11. ئاينىڭ 30. كۈنى سائەت 12 دە. ئورنى: Arie Hogenespad 1, 2396 ZG Koudekerk aan den Rijn.
ئۇنۇتماڭ: زال ئىچىگە كىيگىلى بولىدىغان ئاياغ بىلەن كېلىڭ! تىزىملىتىۋىتىڭ: https://freeuyghur.org/nl/ehmiyetlikbirkun/

Dag van onafhankelijkheid, dag van de Republiek! voor Oost Turkistan.
12/11/2025

Dag van onafhankelijkheid, dag van de Republiek! voor Oost Turkistan.

Enjoy the videos and music you love, upload original content, and share it all with friends, family, and the world on YouTube.

11/10/2025

Derde editie van het jaar "Een Nuttige Dag" Event! 30 november. ئەسسالامۇئەلەيكۇم گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلار، بولۇپمۇ ئوماق، تېتىك بالىلار!... تەنتەربىيەگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار... ئويۇننى سەكلىگۈچ بىلەن باشلايدىغان كىچىكلەر، ئارغامچىدا بەلنى ئاغرىتىۋىلىپ قاقشايدىغان چوڭلار، بىز ئۆتكەندە ۋەدە قىلغۇنىمىزدەك، "ئەھمىيەتلىك بىر كۈن" نىڭ بۇ يىللىق 3. سانىنى كېلەر ئاينىڭ 30 ى (30. نويابېر) يەنە كونا جايدا ئۆتكۈزمەكچى. پۇتبول، ۋوللىبول، ئارغامچا تارتىش، شاھمات، سەكلىگۈچ قاتارلىق دائىملىق تۈرلەردىن باشقا بۇ قېتىم تۆۋەندىكى تۈرلەرنىمۇ قوشماقچى:
تىكتاكتوپ
بالىلارنىڭ يۈزىنى بوياش (بۇ تۈر قولىدىن كېلىدىغان چوڭلار بولسا جىددى ئالاقە قىلىشىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئىلتىماس قىلىمىز!)
ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم ۋوللىبول (تىزىملىتىش كېرەك)
9 ياشتىن ئاشقانلار ئۈچۈن مافيا (weerwolf) ئويۇنى
ۋاقتىڭلارنى بېكىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىپ بۇ چاقىرىقنى ئالدىن قىلدۇق.
ئادرېس ئوخشاش (Arie Hogenespad 1, 2396 ZG Koudekerk aan den Rijn). پائالىيەت ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تىزىملىتىشىڭلارنى (3 لا سوئال) قارشى ئالىمىز، تەييارلىق ئۈچۈن سىلەرنىڭ سانىڭلار مۇھىم.

https://freeuyghur.org/nl/ehmiyetlikbirkun/

Gisteren hebben we deelgenomen aan de voetbal toernooi georganiseerd door Uyghur United Netherland Team, heel veel dank ...
25/08/2025

Gisteren hebben we deelgenomen aan de voetbal toernooi georganiseerd door Uyghur United Netherland Team, heel veel dank aan iedereen die er aanwezig waren! تۈنۈگۈنكى مۇسابىقە بەك كۆڭۈللۈك ئۆتتى، ئەجر قىلغان ھەممەيلەنگە كۆپ رەھمەت!
https://www.instagram.com/p/DNyU9HDWAR1/?img_index=1

Adres

The Hague

Meldingen

Wees de eerste die het weet en laat ons u een e-mail sturen wanneer FreeUyghur nieuws en promoties plaatst. Uw e-mailadres wordt niet voor andere doeleinden gebruikt en u kunt zich op elk gewenst moment afmelden.

Delen